مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتى توخىتىماي چۈشتى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئۆرلىدى

2021.11.30 22:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتى دوللارغا قارىغاندا توختىماي چۈشۈپ، قىممىتى تەخمىنەن %40 چۈشتى. تۈركىيە لىراسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇدا 12:1، 13:1 دىن ئىبارەت ئىككى پۈتۈن سان ئۆتكىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىر مەھەل 13.49:1 بولۇشتەك تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. پۇل قىممىتىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشىغا خېلى زور زەربە بولدى.

  مۇخبىر يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا نۇرغۇن ئاممىنىڭ ماي قاچىلاش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرغانلىقىنى كۆردى. تاكسى شوپۇرى ئەھمەد سالى مۇنداق دېدى: «لىرا كۇرسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشى ئادەمنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، بۇ بىزگە 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنى ئەسلەتتى. ئىقتىساد ۋە سىياسىي داۋالغۇش تۈپەيلىدىن، ئۇ چاغدا بېنزىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەتتىكى تاۋارلارنى سېتىۋالغىلى بولمايتتى.»

  تۈركىيە يالوۋا داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى باقى دېمىرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلەش ئامىللىرىنىڭ بىرى، لېكىن تۈركىيە لىراسى قىممىتىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشى تۈركىيەگە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلەش تەسىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلدۇردى.

  پۇل قىممىتىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشى يەنە پۇل مۇئامىلە ساھەسى ۋە تاشقى سودا كارخانىلىرىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەربە بولدى. مۇخبىر بىلەن تونۇشلۇق بولغان بانكا خېرىدارلار دىرېكتورى گوڭ جيا مۇنداق دېدى: 11-ئاينىڭ 23-كۈنى لىرانىڭ قىممىتى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەن كۈنى نۇرغۇن كىشىلەر پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بانكا ئامانەت پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇردى، ھەتتا بەزى دەۋر پايدا نىسبىتى %9 ئەتراپىدىكى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىمۇ خېرىدارلارنىڭ كۆپلەپ تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا ئۇچرىدى، مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنغان ھېساباتتىكى نەق پۇلمۇ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇلدى.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان يېقىندا مۇنداق دېدى: تۈركىيە «ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشى»غا ئەمەس، بەلكى مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئېكسپورتقا كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇ تۈركىيە خەلقىنىڭ يۇقىرى ئۆسۈمدە «ۋەيران» بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دېمىرېل ئاگاھلاندۇرۇپ: تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىشنى ئاۋال ئويلىشىشتەك تىرىشچانلىقى بەلكىم لىرا كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن كاشىلىغا ئۇچرىشى مۇمكىن، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت يۇقىرى ئېشىشقا دو تىكتى، لېكىن بۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تېخىمۇ يۇقىرى تەننەرخ ئىشلەپچىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ