خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇلغارىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى سەھەردە، بۇلغارىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى سىترۇما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن 12 نەپەر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 45 ئادەم قازا قىلدى.
بۇلغارىيە دۆلەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى سارافوف تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ساياھەت شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە، كۆيۈپ كەتكەن چوڭ ئاپتوبۇستا 52 ئادەم بارلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 12 نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئادەم بارلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. ھازىر يەتتە كىشىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىغانلىقى ۋاقتىنچە جەزملەشتۈرۈلۈپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.
ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، قازا قىلغانلارنىڭ سالاھىيىتىمۇ ئېنىقلىنىۋاتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ