خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاساسىي ئۆلچەملىك ئۆسۈم نىسبىتىنى %16 تىن %15 كە چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە لىراسىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلاش نىسبىتى 11:1 گە چۈشۈپ قالدى.
تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي بانكا پۇل سىياسىتى كومىتېتى يىغىنىدا، تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: يېقىندا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى ئاساسلىقى يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە تەمىنلەشنىڭ جىددىي بولۇشى قاتارلىق تەمىنلەش جەھەتتىكى ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە بولدى. پۇل سىياسىتى كومىتېتى پۇل سىياسىتىنىڭ ئېھتىياج، تەمىنلەش ۋە پۇل پاخاللىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش قارارىنى چىقاردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى 9-ئاي ۋە 10-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى چۈشۈرۈپ، ئۆسۈمنى جەمئىي 300 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلەتكەن ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، لىرانىڭ قىممىتى %30 چۈشۈپ كەتتى. نۆۋەتتە تۈركىيە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %20 كە يېقىنلاشتى.
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 11-ئاينىڭ 17-كۈنى پارلامېنت يىغىنىدا يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىگە قارشى تۇرۇش قارىشىنى ئېلان قىلىپ، يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى پۇل پاخاللىقىنى توسۇش ئەمەس، بەلكى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىدى. 2019-يىلىدىن بۇيان، ئەردوغان سىياسەت ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن مەركىزىي بانكىنىڭ ئۈچ باشلىقىنى ئالماشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ