مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇتىن رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، دېدى

2021.11.19 12:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 18-چېسلا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مىنىستىرلىق ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، بۇنى 21-ئەسىردىكى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو غەربنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە پىسەنت قىلماي، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمتۈرتكىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ ھەم خەلقئارا سەھنىدە مەيدانىنى پائال ماسلاشتۇرىدۇ.

  پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى: رۇسىيە بارلىق دۆلەت ۋە رايون ھەمراھلىرى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئىجابىي مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشقا پائال قاتنىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رۇسىيە تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ