مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى بىر ئىندىئان ياتاقلىق مەكتىپىدىكى ئۆلگەن 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتتى

2021.11.16 22:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا نېبراسكا ئىشتاتىدىكى تەتقىقاتچىلار يېقىندا شۇ جايدىكى تارىختىكى بىر ئىندىئان ياتاقلىق مەكتىپىدە قازا قىلغان 102 ئوقۇغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەن، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ئىكەن.

  نېبراسكا ئىشتاتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار يېقىندا تارىختا بۇ ئىشتاتنىڭ گېنويا شەھىرىدىكى ئىندىئانلار ئوقۇيدىغان فېدېراتسىيە ياتاقلىق مەكتىپىدە قازا قىلغان 102 ئوقۇغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەن. بۇ ئىشتاتتىكى ئەمەلدارلار فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىندىئانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېلان قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

  تەكشۈرۈشكە قاتناشقان نېبراسكا داشۆسى لىنكولىن شۆبە مەكتىپىنىڭ تارىخشۇناس پىروفېسسورى مارگارىت ياكوبس مۇنداق دېدى: بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئۆلگەن سانى نۆۋەتتىكى ساندىن كۆپ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆپكە تۇبېركۇليۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ مەكتەپ 1884-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1934-يىلى تاقالغان. 1932-يىلى مەكتەپ تازا گۈللەنگەن مەزگىلدە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى تۆت ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان 599 غا يەتكەن. مەكتەپ تاقالغاندىن كېيىن، ئارخىپلار ۋەيران بولۇپ ياكى چېچىلىپ كېتىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. ياكوبىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى قازا قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئۇچۇرلىرى كونا گېزىتتىن ئېنىقلانغان. تەتقىقاتچىلار نەچچە مىڭ پارچە تارىخىي ماتېرىيالنى تەھلىل قىلغان بولسىمۇ، ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت خاتىرىسى بايقالمىغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، نېبراسكا ئىشتاتى ئىندىئانلار ئىشلىرى كومىتېتى بۇ ئىشتاتتىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلار قەبرىستانلىقىنى ئىزدەۋاتىدۇ. بۇ كومىتېتنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى جۇدى ئىندىئانلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ: ئىندىئانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش تارىخىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى بەك رەھىمسىز، ئۇ تارىخنى يوشۇرۇش ئامېرىكا دۆلەت قاتلىمىنىڭ «كوللېكتىپ ئىرادىسى»گە ئايلاندى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئەگەر قازا قىلغان ئوقۇغۇچىلار قەبرىستانلىقى تېپىلمىسا، ھۆكۈمەت ئىندىئانلارنىڭ مەكتەپتە قازا قىلغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.

  قوشنا دۆلەت كانادادىكى بىر قانچە ئەسلىدىكى ئاھالىلەر ياتاقلىق مەكتىپىدە زور مىقداردىكى قازا قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىللە دەپنە قىلىنغان يېرى بايقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى خورلاش ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەمدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ قەبرىسىنى تېپىشقا ياردەملىشىشنى مەقسەت قىلىپ «فېدېراتىپ ئىندىئانلار ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى تەشەببۇسى» تۈرىنى باشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ