مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ئالتە ئايدا تۈركىيە رېكورتىنى يېڭىلىدى

2021.11.12 16:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ۋاقتى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇھى جۇجوۋ ئېلېكتىر پاراۋۇز چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇھى جۇجى شىركىتى» دەپ ئاتىلىدۇ) تۈركىيە ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان مېترو سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلىدى. شۇ جايدىكى تۆمۈريولنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 120.75 كىلومېتىرغا يەتكەندە، سىناق تەرىقىسىدە ھەيدەشكە قاتناشقان تۈركىيە قاتناش مىنىستىرى ئادىل قارا ئىسمايىلئوغلى شۇ جايدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدا: بۇ مېترو تۈركىيە مېتروسىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىدە يېڭى رېكورت ياراتتى، دەپ جاكارلىدى (ئىزاھات: بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيە مېتروسىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 80 كېلومېتىر ئىدى).

  بۇ قېتىمقى مېترونىڭ سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگو مېتروسىنىڭ يۈرۈش جەريانىدا نامايان قىلغان «مۇقىم، يۇقىرى سۈرئەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئازادە» بولۇشتەك يۇقىرى سۈپەتلىك ئەلا ئىقتىدارى تۈركىيە قاتناش مىنىستىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. ئادىل قارا ئىسمايىلئوغلى جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇھى جۇجى شىركىتىنىڭ يەر شارىۋى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پەقەت ئالتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپلا (خەلقئارا كەسىپداشلارنىڭ مال تاپشۇرۇش مۇددىتى 18 ئايدىن 24 ئايغىچە)، يېڭىدىن ياسالغان مېترونى لىنىيەسىدىن چۈشۈرۈشنى تاماملىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تۈركىيەگە تاپشۇرۇلغان مېترونىڭ ئەڭ چوڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 1100 ئادەم بولۇپ، جۇڭگو ئاپتوموبىل جۇجى شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەڭ يېڭى نەتىجە ئىكەن. 2020-يىلى 1-ئايدا، جۇڭگو ئاپتوموبىل گۇرۇھى جۇجى شىركىتى تۈركىيە قاتناش مىنىستىرلىقى ئۇل ئەسلىھە سېلىنما باش ئىدارىسى بىلەن 176 مېترو پويىزى تۈرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ئىمزالىغان، بۇ قېتىمقىسى مەزكۇر تۈرنىڭ تۇنجى پويىزى (تۆت بۆلەك گۇرۇپپىسى) سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن مېترو ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ