مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭ ياخشى جاي» سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلدى

2021.11.11 20:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئىتالىيە پارلامېنتى، ئاقىللار ئامبىرى، دوستانە زاتلار، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سىيىت ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش»، «جازا لاگېرىغا قاماش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق يالغان سەپسەتىلەرگە سانلىق مەلۇمات ۋە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بىر-بىرلەپ رەددىيە بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئامېرىكا، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر پاكىتنى بۇرمىلاش، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭغا ئالاقىدار قارالمىلارنى ھەدەپ كۆپتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر.

  جۇڭگونىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى جۈنخۇا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، تيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالى تىنچ، ئىناق بولدى، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ھالبۇكى، جۇڭگوغا قارشى ئاز ساندىكى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تەن بەرمەي، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «سىستېمىلىق ھالدا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش» قاتارلىق ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ يامان نىيىتى دەل ۋاسىتە تاللىماي شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پارچىلاش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتۇر. پىتنە-ئىغۋا تارقاتقۇچىلار ئۆز دۆلىتىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن باشقا دۆلەت مۇسۇلمانلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى. ئۇلارنىڭ «ئۇستاز» بولۇش، باشقا دۆلەتلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلىش سالاھىيىتى يوق.

  لى جۈنخۇا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ ياخشىمۇ-ئەمەسمۇ، پاكىت سۆزلىسۇن، پۇقرالار جاۋاب بەرسۇن. خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىشنىڭ ئۆزى دەل ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق، جۇڭگو جۇڭگوچە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ. بۇ بىر توغرا يول، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز.

  ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئاساسىي تېما قىلىنغان تەشۋىقات فىلىمى، ئىسلام دىنىغا ساغلام، تەرتىپلىك ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قىسقا فىلىمى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىسقا فىلىم قاتارلىقلار قويۇلدى. شىنجاڭ زىيالىيلار ۋەكىللىرى، تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر، ئىشلەمچىلەر، ئاياللار ۋەكىللىرى، دىنىي ساھەدىكى زاتلار قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى نەق مەيداندا ئالاقىلىشىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات ئەھۋالى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ