مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا رۇسىيە چېگراسى ئەتراپىدا كۆپ دۆلەت ھەربىي گۇرۇھى قۇرۇش غەرىزىدە بولماقتا

2021.11.10 13:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا رۇسىيە چېگراسى ئەتراپىدا كۆپ دۆلەت ھەربىي گۇرۇھى قۇرۇش غەرىزىدە بولماقتا.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈندىكى بىر باياناتىدا مۇنداق دېگەن: نۆۋەتتە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابى تەشكىللىگەن كۆپ دۆلەت ھەربىي مانېۋىرى قارا دېڭىز دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «پوتتېر»(USS Porter(DDG-78)) ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى، «ۋىتنېي تېغى»(USS Mount Whitney) ناملىق قوماندانلىق پاراخوتى، «جون لېنتال»(John Lenthall) ناملىق نېفىت توشۇش پاراخوتى قارا دېڭىزدا ھەرىكەت قىلماقتا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ B-1B تىپلىق ئىككى ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى قارا دېڭىز سۇ رايونى ھاۋا بوشلۇقىدىن رۇسىيە چېگراسىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئۇچماقتا. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا رۇسىيە چېگراسى ئەتراپىدا كۆپ دۆلەت ھەربىي گۇرۇھى تەشكىللەشنى مەقسەت قىلغان.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بۇ رايوننىڭ مۇقىمسىزلىق ئامىلىدۇر. مانېۋىرغا ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن باشقا، گرۇزىيە، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، ئۇكرائىنا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچلىرى قاتناشقان. بۇ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى توقۇنۇشنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ قېتىمقى مانېۋىر كەلگۈسىدىكى ھەربىي ھەرىكەت مانېۋىرى بولۇشى مۇمكىن.

  باياناتتا يەنە مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: روسىيە قارا دېڭىز ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دېققەت قىلىۋاتىدۇ، روسىيە قارا دېڭىز فلوتى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ قارا دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىۋاتىدۇ.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگو 11-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى قاتتىق كۆزىتىۋاتىدۇ، ھەرقانداق ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنىڭ يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ