مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سېررالېئوندا ماي باكلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 108 ئادەم قازا قىلدى

2021.11.08 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سېررالېئون دۆلەت ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنداق دېدى: پايتەخت فىلىتوندا 11-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە ماي باكلىق ئاپتوموبىل پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 108 ئادەم قازا قىلدى، 92 ئادەم يارىلاندى.

  سېررالېئون دۆلەت ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ماي قاچىلانغان بىر باكلىق ئاپتوموبىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە فىلىتوننىڭ شەرقىدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا گىرانىت تاش بېسىلغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، ماي ئېقىپ كېتىپ، ئاھالىلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. ماي قاچىلاش ماشىنىسى شۇ چاغدا يېقىن ئەتراپتىكى ماي قاچىلاش پونكىتىغا كىرىپ، ماي چۈشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

  باياناتتا مۇنداق دىيىلدى: نەق مەيداندىكى سىن ۋە كۆرگۈچىلەرنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ماي باكلىق ئاپتوموبىل ۋە يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، ئېقىپ كەتكەن مايلارنى بىر تەرەپ قىلغان ھەمدە ئاھالىلەرنى نەق مەيداندىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغان، لېكىن يەنىلا بەزىلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. بۇلاڭ-تالاڭ جەريانىدا، نەق مەيداندا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئوت ئاپىتى كۆرۈلۈپ، تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىققان.

  نۆۋەتتە، يارىدارلار فىلىتون شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر.

  سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىئو 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئۇ يەنە 11-ئاينىڭ 7-كۈنى گانا پايتەختى ئاكرادا ئۆتكۈزۈلىدىغان غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ