مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كولۇمبىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلگە ئاشمىغان زۇڭتۇڭغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسىنى قولغا ئالدى

2021.11.08 13:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، كولۇمبىيە ھۆكۈمىتى سابىق «كولۇمبىيە ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچى» ئاسىي ئۇنسۇرلىرىنىڭ كاتتىبېشى زۇڭتۇڭ دۇكقا ئەمەلگە ئاشمىغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىلانلىغان، دەپ گۇمان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى.

  كولۇمبىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مورانو شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ۋىدىئو ئېلان قىلىپ، «ئورىلىئو» ئىسىملىك بىر ئەرنىڭ يېقىندا تۇتۇش ھەرىكىتىدە شەرقىي شىمالدىكى شىمالىي سانتاند ئۆلكىسىدە تورغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئەر يەنە ھەربىي گازارمىدا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىلانلىغان ھەم قوزغىغان. مورانو مۇنداق دېدى: كولۇمبىيە ھۆكۈمىتى شىمالىي سانتاند ئۆلكىسىنىڭ ئامانلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كولۇمبىيە ئىنقىلابىي كۈچى ئاسىي ئۇنسۇرلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىدۇ.

  كولومبىيە تەپتىش ئورگىنى بۇ يىل 7-ئايدا يۇقىرىقى ئىككى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 10 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئوفىتسېر بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

  بۇ يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىمالىي سانتاند ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى كۇكۇتاغا جايلاشقان كولۇمبىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 30-برىگادىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان. شۇ ئاينىڭ 25-كۈنى، دۇك ۋە باشقا بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئولتۇرغان«قارا بۈركۈت» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان كۇكۇتاغا قونماقچى بولغاندا تۇيۇقسىز ئوققا تۇتۇش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، لېكىن بۇ ۋەقەدە ئۆلۈش-يارىلىنىش بولمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ