مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇتىن: رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى مۇداپىئە كۈچىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ

2021.11.02 11:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاينىڭ 2- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11- ئاينىڭ 1- كۈنى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز ساھىلى شەھىرى سوچىدا رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى مۇداپىيە كۈچىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پۇتىن شۇ كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئۇنىۋېرسال كارخانىلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: بۇ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار، يۇقىرى سۈرئەتلىك ھۇجۇم قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئومۇمىي ھەربىي، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئارمىيەسى رۇسىيە چېگراسى ئەتراپىدا بارغانسېرى كۆپ ئۇچماقتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاراخوتلىرى بالتىق دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزغا كىرىپ ئومۇمىي ھەربىي، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەممىگە مەلۇمكى، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بار، بۇمۇ بىزگە ئىنتايىن زور تەھدىت پەيدا قىلدى.

  پۇتىن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، رۇسىيە ھاۋا بوشلۇقى قىسىملىرىغا 200 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ۋە 26 يۈرۈش S - 350 ۋە S - 400 تىپلىق ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تاپشۇرىدۇ. روسىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى S - 500 ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ تۇنجى يۈرۈش مەھسۇلات ئەۋرىشكىسىمۇ يېقىندا قىسىمغا تاپشۇرۇلىدۇ.

  پۇتىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن تۆت يىلدا، دۆلەت ھەربىي ھازىرلىق پىلانى رامكىسىدا، رۇسىيە ئارمىيەسى 25 يۈرۈش S - 400 تىپلىق ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ۋە 70 نەچچە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى قۇراشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، S - 300 تىپلىق ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىدىن 20 نەچچە يۈرۈش، 90 كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى. رۇسىيەنىڭ مۇھىم ھەربىي سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  پۇتىن يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنى زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپە. ئۆتكەن تۆت يىلدا، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى يېڭى پاراخوت ۋە پاراخوتتىن 49 نى، قىرغاقتىن مۇداپىئەلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىدىن توققۇزنى ۋە ئون ئايروپىلاننى ئۆتكۈزۈۋالدى. 2027- يىلىدىن بۇرۇن، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋى قورال - جابدۇقلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 70 تىن ئېشىپ كېتىشى كېرەك ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ