مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەلىكە جېنزى توي قىلدى

2021.10.27 11:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئۆكتەبىر، ياپونىيە پادشاھىنىڭ ۋارىسى چيۇشياۋگۇڭ ۋېنرېنچىنۋاڭنىڭ چوڭ قىزى مەلىكە جېنزى ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى شياۋشىگۇي بىلەن توكيودا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، مەلىكە جېنزى شۇكۈندىن باشلاپ پادشاھ جەمەتىدىن ئايرىلىپ، رەسمىي پۇقراغا ئايلاندى.

  مەلىكە جېنزى بىلەن شياۋشىگۇي 2017-يىلى چاي ئىچۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان، ئەمما ئەر تەرەپنىڭ ئائىلىسى بىر قىسىم قەرز ماجىرالىرىغا چېتىلىپ قالغاچقا، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ، ئىككىيلەن ئاخىرى توي قىلغان.

  26-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، مەلىكە جېنزى ئوردىدىن ئايرىلدى ھەمدە ئوردا نازارىتىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاكالەتچى سۈپىتىدە ھۆكۈمەتكە توي ئىلتىماسى سۇندى. ياپونىيە ئوردا نازارىتى ئاممىنىڭ بۇ تويغا بولغان نارازىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خان جەمەتىنىڭ ئادىتى بويىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەلىكە جېنزىمۇ ئەسلىدە دۆلەت تۆلەشكە تېگىشلىك 150 مىليون يېن (تەخمىنەن 8 مىليون 400 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) بىر قېتىملىق تولۇقلىمىسىنى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە پادشاھ جەمەتىدىكى ئايالنىڭ توي ئىشىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر شياۋشىگۇي ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بىر ئادۋوكاتلىق ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تويدىن كېيىن ئىككىيلەن ئامېرىكىدا تۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ