مىرزىيويېف داۋاملىق ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى بولدى

2021.10.27 11:23 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە مىرزىيويېف غەلىبە قىلغاندىن كېيىن سۆز قىلماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (زەپەر فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆزبېكىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دەسلەپكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى زۇڭتۇڭ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى مىرزىيويېف يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %80.1 ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلدى، ئۇدا زۇڭتۇڭ بولىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ.

  سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىزام غوجايېف ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جەمئىي 20 مىليون 150 مىڭدىن ئارتۇق سايلىغۇچى بار بولۇپ، ئەمەلىي بېلەت تاشلىغانلار 16 مىليون 210 مىڭغا يېتىپ، بېلەت تاشلاش نىسبىتى %80.4 تىن ئاشتى. قالغان تۆت نەپەر زۇڭتۇڭ نامزاتى ئىچىدە «مىللىي گۈللىنىش» دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى ئەلىشىر قادىروف %5.5 سايلام بېلىتىگە، خەلق دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى مەخسۇدە ۋالىسوۋا %6.6 سايلام بېلىتىگە، «ئادىل» سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بەھرام ئابدۇخالىموف %3.4 سايلام بېلىتىگە، ئېكولوگىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى نارزۇلو ئوبلومودوروف %4.1 سايلام بېلىتىگە ئېرىشتى.

  ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش 24-چېسلا ئۆتكۈزۈلدى. 64 ياشلىق مىرزىيويېۋ سايلام رىقابىتىدە، 2030-يىلىدىن ئىلگىرى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسىنىڭ 4000 ئامېرىكا دوللىرى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يېشىل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، باج-ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، زۇڭتۇڭ سايلىمى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، زۇڭتۇڭنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشى بىر نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ