مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ياخشى جاي» سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2021.10.25 12:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئەنقەرەدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى، پارتىيە، ئالىي مەكتەپ، ئاقىللار ئامبىرى، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرى ۋە «سەھەر گېزىتى»، «نۇر گېزىتى»، TV100 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مىللىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تۈركىيە تاراتقۇلىرى تەكلىپكە بىنائەن توردا قاتناشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن سىن ئارقىلىق سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

  شاۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى دۆلەتلەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، قىلچە تۆۋەن چەك، قىلچە ئاساسسىز ھالدا شىنجاڭنىڭ «نامىنى بۇلغاپ»، شىنجاڭنى «خۇنۈكلەشتۈردى»، ھەتتا شىنجاڭدا «ئىرقىي يوقىتىش» جىنايىتى ئۆتكۈزدى دېگەن ئەسىرلىك يالغان گەپنى ئويدۇرۇپ چىقتى، بۇنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھمەت دېلوسى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنى كەسكىن كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھوقۇقىنى توسۇپ قالالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ۋە ھەرىكەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا يەنە «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن باش تېمىلىق فىلىم ۋە يېقىندا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىنغان قىسقا فىلىم كۆرسىتىلدى. شىنجاڭدىكى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، نەق مەيداندا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەقىقىي شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ