مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش باشلاندى

2021.10.25 12:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 8دە باشلىنىپ، شۇ كۈنى سائەت 20دە ئاخىرلاشتى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى كۆرسەتكەن ھازىرقى زۇڭتۇڭ شەپقەت مىرزىيويېۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش نامزات سايلام رىقابىتىگە قاتناشتى.

  ئۆزبېكىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە جەمئىي 10 مىڭ 760 بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسىس قىلىندى، 19 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى شۇ كۈندىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى، تەخمىنەن 970 نەپەر خەلقئارا كۆزەتكۈچى ۋە 1000دىن ئارتۇق تاراتقۇ ۋەكىلى بۇ قېتىمقى چوڭ سايلامدىكى بېلەت تاشلاشنى نازارەت قىلىدۇ. ھەرقايسى بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتى.

  بەش نەپەر زۇڭتۇڭ نامزاتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزبېكىستاندىكى بەش چوڭ پارتىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى كۆرسەتكەن ھازىرقى زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف، «مىللىي گۈللىنىش» دېموكراتلار پارتىيەسى كۆرسەتكەن ئەلشىر قادىروف، خەلق دېموكراتلار پارتىيەسى كۆرسەتكەن ماكسۇدا ۋارىسوۋا، «ئادىل» سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى كۆرسەتكەن بەھرام ئابدۇخالىموف، ئېكولوگىيە پارتىيەسى كۆرسەتكەن نارزۇلو ئوبلومودوروفنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، زۇڭتۇڭ سايلىمى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، زۇڭتۇڭنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتۈشى بىر نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  2016-يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشى قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسى (پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى)دىكى 1-چوڭ پارتىيە بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى كۆرسەتكەن نامزات مىرزىيويېۋ زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. مىرزىيويېف زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، تاشقى پېرېۋوت ئالماشتۇرۇشنى باشقۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، باج سېلىقىنى تۆۋەنلىتىش ۋە چەت ئەل مەبلىغىنى كىرگۈزۈشتە ئېتىبار بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ