مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركىيە زۇڭتۇڭى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكا قاتارلىق 10 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» دەپ جاكارلىدى

2021.10.25 12:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۆزىنىڭ تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكا قاتارلىق 10 دۆلەتنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» دەپ جاكارلىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئەردوغان شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېسكىشېر شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە يۇقىرىقى قارارنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ بىر باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆردى، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. نورۋېگىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە دانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيەدىن كەلگەن ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا، كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىلىرى 18-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە تەرەپنى دەرھال تۈركىيەلىك سودىگەر ئوسمان كاۋالانى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلدى. كاۋالا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2013-يىلىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ۋە 2016-يىلىدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىنىپ، 2017-يىلىدىن كېيىن قاماپ تۇرۇلغان.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 19-چېسلا يۇقىرىقى 10 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنى «دىپلوماتىيە قائىدىسىگە خىلاپ»، «يولسىز» قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەدلىيە دېلولىرىنى «سىياسىيلاشتۇردى»، بۇ «چەكتىن ھالقىپ كەتكەن» قىلمىش، تۈركىيە «قوبۇل قىلالمايدۇ»، دەپ ئەيىبلىدى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 21-چېسلا يۇقىرىقى 10 دۆلەت باش ئەلچىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ