مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي دېڭىز تەۋەسىدە 6 بال يەر تەۋرىدى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە يەر تەۋرەش سېزىمى بولدى

2021.10.20 11:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئۆكتەبىر، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە 6.0 بال يەر تەۋرىدى، دېڭىز بويىدىكى گىرېتسىيە، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە يەر تەۋرەش سېزىمى بولدى.ئامېرىكا گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش گرېنۋىچ ۋاقتى 19-ئۆكتەبىر سائەت 5 تىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 19-ئۆكتەبىر سائەت 13تىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە) يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەركىزى گرېتسىيەنىڭ كالپاسوس ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 149 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 37.8 كىلومېتىرغا يەتكەن. گرېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كرېت ئارىلى قاتارلىق بىرقانچە ئارالدا تەۋرەش سېزىمى بولغان.

  تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر تەۋرەش مەركىزى تۈركىيە ئانتالىيا ئۆلكىسىنىڭ كاش بازىرىغا تەخمىنەن 155 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى توغرىسىدا مەلۇمات يوق.

  نەق مەيداندىكىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مىسىر پايتەختى قاھىرە ۋە باشقا بىر قىسىم شەھەرلىرىدە تەۋرەش سېزىمى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ