مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇتىن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دېدى

2021.10.15 12:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 13-ئۆكتەبىر ئامېرىكا CNBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  پۇتىن يەنە مۇنداق دېدى: ئۆزئارا دوستانە ئۆتۈش ياخشى ئىش، لېكىن بىركىمگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن دوستلۇق ئورنىتىش يامان ئىش. بۇ بىز ھەممىمىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق.ۋەزىيەتنىڭ قىياس قىلغىلى بولمايدىغان سېنارىيە بويىچە تەرەققىي قىلماسلىقىنى، شۇنداقلا رايونلار جىددىي ھالىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.پۇتىن سۆھبەتتە يەنە دوللارنىڭ ئورنى، شىفىرلاشتۇرۇلغان پۇل، يەر شارى ئېنىرگىيە بازىرى ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى. سۆھبەتنىڭ تولۇق تېكىستى 14-ئۆكتەبىر كرېمىل سارىيى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى.

  ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە 15-سېنتەبىر يېڭى ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى جاكارلىدى، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئاۋسترالىيەنىڭ يادرو سۇئاستى پاراخوتى ياسىشىنى قوللىدى.

  روسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىيابكوف 9-ئايدا روسىيە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئامېرىكىغا بىر قانچە مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ھەمكارلىقىنىڭ خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ