خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىرغىزىستان زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى سادىر جاپپاروۋ شۇ كۈنى پەرمان ئىمزالاپ، ھۆكۈمەتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
بۇ پەرمانغا ئاساسەن، جاپپاروۋ ھۆكۈمەت زۇڭلىسى مالىبوۋنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ھەمدە ئاقىلبەك جاپپاروۋنى مۇۋەققەت زۇڭلىلىققا تەيىنلىگەن. ئاقىلبەك جاپپاروۋ ئىلگىرى مۇئاۋىن زۇڭلى بولغان. ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئىچكى كابېنت ئەزالىرىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
پەرماندا مۇنداق دېيىلدى: يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، ھازىرقى ھۆكۈمەت ئىچكى كابېنت ئەزالىرى ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئادا قىلىدۇ.
نۆۋەتتە يېڭى ھۆكۈمەت خادىملىرىنى تەشكىللەش لايىھەسى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ