مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھاۋاي ئىشتاتى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 6.2 بال يەر تەۋرىدى

2021.10.11 13:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئامېرىكا گىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 10-ئۆكتەبىر سائەت 17دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئۆكتەبىر سائەت 5تىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە) يۈز بەرگەن، تەۋرەش مەركىزى ھاۋاي ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى نائالېخۇ ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 27 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەسىدە بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 35 كىلومېتىرغايەتكەن. بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، شۇ جايدا يەنە كۆپ قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

  شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھاۋاي ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئوئاخۇ ئارىلى، كاۋئاي ئارىلى قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى بولغان، ھازىرغىچە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ياكى ئىمارەتلەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. شۇ جايدىكى جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش دېڭىز تاشقىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ