مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياپونىيە «ئالەم چارلاش كېمىسى» ياساپ سۈنئىي ھەمراھنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە رېمونت قىلىشقا ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

2021.10.11 13:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ياپونىيە مۇداپىيە ۋازارىتى«ئالەم چارلاش كېمىسى» ياساپ، ئالەم بوشلۇقىدا مۇھاپىزەت قىلىش، كۆزىتىش ۋە سۈنئىي ھەمراھنى رېمونت قىلىش، تەمىنلەشكە ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

  ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقى 10-ئۆكتەبىر خەۋەردار زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئالەم بوشلۇقىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇداپىئە ۋازارىتى ئەركىن ئۇچالايدىغان ئادەمسىز ئالەم كېمىسى ياساشنى ئويلىشىپ، 2022-يىللىق خامچوتتىن 100 مىليون يېن (تەخمىنەن 900 مىڭ دوللار) تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش خىراجىتى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان، «ئالەم چارلاش كېمىسى» ياساشنىڭ كونكرېت ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىگەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، «ئالەم چارلاش كېمىسى» ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭسۈنئىي ھەمراھقا سوقۇلۇپ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن، يەنە زىيانغا ئۇچرىغان ياكى كاشىلا كۆرۈلگەن سۈنئىي ھەمراھنى رېمونت قىلىپ، يېقىلغۇ تولۇقلاش،سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

  بىراق، مۇداپىئە ۋازارىتى ئەمەلدارىئوربىتىدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھقا يېقىنلىشىشقا يۇقىرى تېخنىكا كېتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ «ئەمەلگە ئاشىدىغان-ئاشمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن» دېگەن.

  ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى ئالەم بوشلۇقى، تور ۋە ئېلېكتىرون ئۇرۇشىنى يېڭى ئۇرۇش ساھەسى دەپ قاراپ، ئالاقىدار ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. ياپونىيەنىڭ تۇنجى «ئالەم بوشلۇقى ئۇرۇش ئەترىتى» بۇلتۇر 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى، مېتېئورىت ۋە نامەلۇم سۈنئىي ھەمراھلارنى نازارەت قىلىش ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ