مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر مەسچىت پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 46 ئادەم قازا قىلدى

2021.10.09 13:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان ئەمەلدارى 8-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇندۇز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرىقۇندۇزدىكى بىر مەسچىتتە شۇ كۈنى پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ۋەقەدە 46 ئادەم قازا قىلدى، 143 ئادەم يارىلاندى.

  قۇندۇز ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ماتىئۇللا رۇھانى شۇ كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پارتلاشتا 46 ئادەم قازا قىلدى، 143 ئادەم يارىلاندى، نۇرغۇن يارىدارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.

  تالىبان باياناتچىسى مۇجاھىد ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پارتلىتىش ۋەقەسى شەھىرىقۇندۇزدىكى شىئە مەزھىپى مەسچىتىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ناماز ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. تالىبانلار بۇ ھەقتە تەكشۈرۈشنى باشلىدى.ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى خوراسان» تەشكىلاتى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا بايانات ئېلان قىلىپ ئۆز تەشكىلاتىدىكى بىر ئەزانىڭ مەسچىتتە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.تالىبانلار 15-ئاۋغۇست ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، «ئىسلام دۆلىتى خۇراسان» تەشكىلاتى ئافغانىستاندا كۆپ قېتىم ھۇجۇم تەشكىللەپ، ۋەقە تۇغدۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ