مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ ئوبلاستىدىكى ساختا ھاراقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدە 21 ئادەم قازا قىلدى

2021.10.09 11:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە ئورېنبۇرگ ئوبلاستىنىڭ ئەمەلدارى 8-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئوبلاستتا يېقىندا كۆپ قېتىم ساختا ھاراقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۆۋەتتە 21 ئادەم قازا قىلدى، 28 ئادەم قۇتقۇزۇلىۋاتىدۇ.

  ئورېنبۇرگ ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋىنوۋا 8-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بىر قانچە مەنبە بايقالدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بۇ ئوبلاستنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلاردىن كەلگەن. بۇ ساختا ھاراقلارغا ئوخشىمىغان بەلگىلەر چاپلىنىپ بوتۇلكىغا قاچىلىنىپ بازارغا سېلىنغان، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت خەلق ئاممىسىدىن دېلونىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ زىيانلانغۇچىلارنىڭ تېنىدە ساپ مېتىل ئىسپىرت بارلىقى بايقالغان، بىر قىسىم زىيانلانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ساپ مېتىل ئىسپىرت مىقدارى ئۆلتۈرۈش مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن بەش ھەسسىسىگىچە بولغان. رۇسىيە فېدېراتسىيە تەھقىقلەش كومىتېتى ساختا ھاراقتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىگە جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزدى. رۇسىيە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى 8-ئۆكتەبىر قانۇنسىز ساختا ھاراق ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغان ۋە ساتقان ئالتە گۇماندارنى قولغا ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ