مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئوغرىلىققا چېتىشلىق ئۈچ كىشىنىڭ دىپلوماتىك كەچۈرۈم ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2021.10.09 11:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 8-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق ئۈچ كىشىنىڭ دىپلوماتىك كەچۈرۈم ھوقۇقىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 8-ئۆكتەبىر رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا نوتا (دىپلوماتىك ھۆججەت) يوللاپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى ئۈچ خىزمەتچىنىڭ دىپلوماتىك كەچۈرۈم ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئۈچ كىشى بىر رۇسىيە پۇقراسىنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك كەچۈرۈم ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلسا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ ئۈچ خادىمى چوقۇم رۇسىيەدىن دەرھال ئايرىلىشى كېرەك.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ يۇقىرىقى ۋەقە توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدى ھەمدە رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ