مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يازغۇچى گۇرناھ 2021-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2021.10.08 18:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە ئەدەبىيات شۆيۈەنى 7-ئۆكتەبىر 2021-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى يازغۇچى ئابدۇلرازاق گۇرناھقا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شىۋېتسىيە ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي كاتىپى مارتس مارم شۇ كۈنى ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېدى: گۇرناھ «مۇستەملىكە تارىخى» ۋە «مۇساپىرلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى»نى چۆرىدىگەن ئەدەبىي ئىجادىيىتى سەۋەبلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  گۇرناھ 1948-يىلى زانزىبار (ھازىر تانزانىيەگە قارايدۇ)دا تۇغۇلغان، 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى مۇساپىر سۈپىتىدە ئەنگلىيەگە كۆچۈپ كەتكەن. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئون نەچچە پارچە رومان ۋە بەزى قىسقا ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان، ئەسەرلىرىدە مۇساپىرلار تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئاساسلىقى مۇستەملىكە خەلقنىڭ ياشاش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ، دىققەتنى سالاھىيەتنى تونۇش، ئىرقىي توقۇنۇش ۋە تارىخ يېزىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرگەن، ئۇ نامايان قىلغان كېيىنكى مۇستەملىكە دەۋرىدىكى ياشاش ھالىتى مۇھىم ئىجتىمائىي رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ