مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ھەممىگە ئايان، غەرب كۈچلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش سۇيىقەستى ئەمەلگە ئاشمايدۇ

—— كۆپ دۆلەتتىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار «شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابقا ئىجابىي باھا بەردى

2021.10.08 18:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گوۋۇيۈەنى ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا «شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ھەممىگە ئايان، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» توغرىسىدا يالغان گەپ توقۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى قايمۇقتۇرۇپ، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنى ئازدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنى توسماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  ئىئوردانىيەنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سامىر ئەھمەد مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب يەنە بىر قېتىم دۇنياغا شۇنى كۆرسەتتىكى، شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، دۇنيا نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن. ئاق تاشلىق كىتاب جۇڭگونىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۇھىم تىرىشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. ئەھمەد مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاز ساندىكى غەرب كۈچلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» قاتارلىق مەۋجۇت بولمىغان مەسىلىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى، كۆپتۈرۈشى ماھىيەتتە شىنجاڭنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىق.

  پاكىستانلىق ئىقتىسادشۇناس ئانېر سالمان مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى نامايان قىلىنغان. ئاق تاشلىق كىتابنى تولۇق ئوقۇغاندىن كېيىن شۇنى بايقىغىلى بولىدۇكى، 2000-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان. ئۆتكەن 70 نەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ نوپۇسى تېز تەرەققىي قىلىپ، نوپۇس ساپاسى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆزلىمە ئۆمرى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، شەھەرلىشىش ۋە سانائەتلىشىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلەشكەن. «مەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان نۇرغۇن ھەقىقىي سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆردۈم، شىنجاڭنىڭ شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.» سالمان مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاق تاشلىق كىتاب غەربنىڭ جۇڭگوغا قارشى كۈچلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان گەپلەرگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى. «ئەزەلدىن جۇڭگوغا بېرىپ باقمىغان، ئەمما ئاتالمىش ‹ئىرقىي يوقىتىش› يالغانچىلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان يازغۇچى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم، ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىككە تولغان بىر-ئىككى زىيارەتكە تايىنىپلا بۇنداق ‹ھېكايە›لەرنى توقۇغانلىقىنى بايقىدىم، بۇنداق قىلمىش ئەمەلىيەتتە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك.»

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنى جۇڭگو ئىجتىمائىي-ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئاندرې ئوستروۋسكىي ئۆزىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭنى سەككىز قېتىم زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى، دىنىي سورۇن، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھەقىقىي قوغدالغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ 2019-يىلى غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئاتالمىش «جازا لاگېرى» دەپ قارىلانغان كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. «بىز رۇسىيەلىكلەرنىڭ قارىشىچە، بۇلار كەسپىي ماھارەت مەكتىپى.» ئۇ مۇنداق دېدى: 2000-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليوندىن ئارتۇق كۆپىيىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى، بۇ ئەجەبا بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئاغزىدىكى «ئىرقىي يوقىتىش» بولامدۇ؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ