مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاكىستان مىللىي پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاكىستان جۇڭگو شىنجاڭغا قارىتىلغان ساختا تەشۋىقاتقا قارشى تۇرىدۇ، دېدى

2021.10.08 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان مىللىي پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاسىم سۇرى يېقىندا مۇنداق دېدى: پاكىستان جۇڭگونىڭ يېقىن قوشنىسى ۋە ياخشى دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ ئاجايىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر، پاكىستان بەزى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا قارىتىلغان ساختا تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرىدۇ.

  سۇرى ئىسلامئابادتا جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدىكى ئىپادىسىنى ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان دىنىي ئېتىقادقا ئىگە خەلقنىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئىناق بىللە تۇرۇشى كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ رايونى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئارقىلىق پاكىستان بىلەن زىچ باغلانغان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى بۇ بەلگە خاراكتېرلىك تۈر پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپلا قالماي، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سىيىت يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ئىقتىسادتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، دىن ساھەسى ئىناق، رايىش بولدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا، غەربتىكى بەزى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، قىلچە تۆۋەن چەك يوق، قىلچە ئاساسسىز ھالدا شىنجاڭنىڭ «نامىنى بۇلغاپ»، شىنجاڭنى «ئالۋاستىلاشتۇردى». جۇڭگودا «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دەيدىغان ماقال بار. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، ئامېرىكا، غەربتىكى بەزى كۈچلەرنىڭ تەسۋىرلىگىنىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان شىنجاڭغا گۇۋاھ بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نوڭ رۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پاكىستان بىلەن تاغ-دەريالىرى تۇتاش، ئەلرايى تۇتاش. جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىن ئايرىلالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى پاكىستاننى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتەك رەزىل سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بىز پاكىستاندىكى ھەر ساھە دوستلارنىڭ پاكىستاننىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يەنە شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرى، چەت ئەللىك مۇخبىرلار ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشى، غەربنىڭ شىنجاڭغا قارىتىلغان ساختا تەشۋىقاتى، شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدا پاكىستانلىق ئەزىز مېھمانلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ