مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئافغانىستاندىكى جىنايىتىنى يوشۇرالمايدۇ

2021.09.16 21:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 47 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستان پۇقراسى ھەربىي ھۇجۇمدا قازا قىلدى، 60 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا يارىلاندى، 33 مىڭغا يېقىن بالا ئۆلۈپ كەتتى ياكى مېيىپ بولۇپ قالدى، 3 مىليون 500 مىڭ بالا ئوقۇشسىز قالدى، 11 مىليون كىشى مۇساپىر بولۇپ قالدى... كۆزنى ئېچىشتۇرىدىغان بىر قاتار قىزىل رەقەملەرنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېزىپ تۈگەتكۈسىز ئۇرۇش جىنايىتى بار.

  2001-يىلى ئۆكتەملىك بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن تارتىپ 2021-يىلى ئالاقزادە بولۇپ «قېچىپ كەتكەن»گە قەدەر، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 20 يىل ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ، ئافغانىستانغا ھېچقانداق ئىجابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە بىر تالاي قالايمىقانچىلىقلارنىلا قالدۇردى.

  ئاتالمىش «ئىنسانپەرۋەرلىك»نى يولغا قويۇش ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى كۈچەيتىۋەتتى. 2012-يىلى ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى» بىر بۆلەك سىنئالغۇ لېنتىسىنى تارقاتتى، سىندا تۆت نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى تالىبانلارنىڭ جەسىتىنى ئىنتايىن ھاقارەتلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا «قوراللىق زوراۋانلىققا ھەرىكەت قوللىنىش» تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ئافغانىستانلىق تەخمىنەن 1600 بالا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئارمىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. ئامېرىكا ئارمىيەسى 29-ئاۋغۇست قوزغىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بەش بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئافغانىستان پۇقراسى قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ئاران ئىككى ياش ئىدى.

  ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئافغانىستاندا تەخمىنەن 18 مىليون ئادەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، بۇ شۇ دۆلەتنىڭ يېرىمغا يېقىن نوپۇسىغا باراۋەر؛ 3/1 قىسىم ئافغانىستانلىقلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئافغانىستاندا ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران بولۇش ۋە يەنىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بولۇپ قالدى.

  ئويلىمىغان يەردىن، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى يەنە سىياسىي، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئافغانىستانغا داۋاملىق يېڭى قىيىن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلماقچى بولدى. دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى ئافغانىستان ئېرىشكەن تاشقى ياردەم ئومۇمىي سوممىسى ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %42.9 ىنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاننى قايتىدىن كونترول قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئافغانىستاننىڭ چەت ئەلدىكى مۈلكىنى توڭلىتىۋەتتى ھەم ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ئافغانىستاننى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنى چەكلىدى، نۇرغۇن خەلقئارا ياردەم ئامالسىز توختاپ قالدى.

  خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنى ئېنىقلايدىغان ۋاقىت بولدى. گەرچە ھازىر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئافغانىستاندىن شەرمەندىلەرچە چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش «ھەققانىيەتچى قوشۇن»نىڭ ئافغانىستاندا ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايىتىنى بىراقلا يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ، ئافغانىستاندا پۇقرالارنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈش جىنايىتى چوقۇم تەلتۆكۈس تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ ئىش خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتىغا، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا مۇناسىۋەتلىك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ