خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-سېنتەبىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، مۇخبىر ياپونىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئىلىم-پەن ۋازارىتىنىڭ يېقىندا بەش نەشرىياتنىڭ دەرسلىكتىكى «ھال سورىغۇچى ئاياللار» غا ئالاقىدار بايانلارنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقى توغرىسىدا باياناتچىدىن سوئال سورىدى.
بۇنىڭغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: «ھال سورىغۇچى ئاياللار» نى مەجبۇرىي بويسۇندۇرۇش ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشىئېغىر جىنايىتى، بۇ تارىخىي ھەقىقەت ھەمپولاتتەك پاكىت، بۇنى قىلچە ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ياپونىيە تەرەپ دەرسلىك كىتابلاردا يەنە بىر قېتىم بىلەرمەنلىك قىلىپ، سۆز ئويۇنى ئوينىماقتا، بۇ تارىخنى غۇۋالاشتۇرۇش، تارىختىكى جىنايى جاۋابكارلىقنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى تەدرىجىي ئىنكار قىلىش ۋە بۇرمىلاش غەرىزىدە بولغانلىقتۇر.
بۇ ياپونىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا مۇئامىلە قىلماسلىق، سەمىمىي بولماسلىقتەك خاتا پوزىتسىيەسى ۋە قىلمىشىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈرۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دۆلەت خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا يەنە بىر قېتىم زىيان يەتكۈزدى. تىنچلىقنى سۆيگۈچىلەربۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت داۋاملىق قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە تۈزىتىشى كېرەك.
جاۋ لىجيەن يەنە مۇنداق دېدى: ياپونىيە تەرەپ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا سەمىمىيلىك بىلەن توغرا قاراپ ۋە خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ، مىلىتارىزم بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، سەمىمىيلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن «ھال سورىغۇچى ئاياللار» نى مەجبۇرىي بويسۇندۇرۇش قاتارلىق قېپقالغانتارىخىي مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ