مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تالىبانلار ناھايىتى تېزلا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2021.09.07 11:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان تالىبان مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئانامۇللا سامانجانى 5-سېنتەبىر تالىباننىڭ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئافغانىستان سۈبھى ئاخبارات تورىنىڭ 5-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سامانجانى شۇ كۈنى چەت ئەل ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش يولىدا ھېچقانداق توسالغۇ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە يەنە: «بىز ھازىر پۈتۈنلەي مۇستەقىل دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز، يېڭى ھۆكۈمەت ناھايىتى تېزلا قۇرۇلىدۇ» دېگەن.

  سامانجانى يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش شەكلى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىگەن، ئەمما ئۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن بارلىق ئافغانىستان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئافغانىستان سۈبھى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان ئارىيانا ئاۋىياتسىيە شىركىتى 4-چېسلا كابۇلدىن-مازارىشەرىف ۋە كابۇل-قەندىھار ئارا دۆلەت ئىچى ھاۋا يولىنى قايتا ئېچىۋەتكەن.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى 30-ئاۋغۇست كابۇلدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئارىيانا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئافغانىستاندىكى كابول ئايرودرومىدا تۇنجى قاتناش باشلىغان ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇپ قالغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قاتاردىن كەلگەن بىر تېخنىكا ئەترىتى ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان تىجارىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىۋېتىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىر ئايروپىلانى كابۇل ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىپ، بىر تۈركۈم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ