مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەخسۇس زىيارەت

شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ

—— سۇرىيە سىياسىي مەسىلە مۇتەخەسسىسى يۈسۈفنى زىيارەت

2021.09.06 21:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە سىياسىي مەسىلە مۇتەخەسسىسى جاسان يۈسۈف يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلىرىدە كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ شىنجاڭ مەسىلىسىنى پەيدا قىلىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق.

  يۈسۈفنىڭ دېيىشىچە، ئۇ شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر ئۆتىدىغانلىقىنى، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئامان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولۇپ، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئورتاق تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىنكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ھە دېسىلا شىنجاڭ مەسىلىسىنى پەيدا قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر دۇچ كەلگەن ئىرقچىلىق مەسىلىسىگە باشتىن-ئاخىر ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالماي، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ ساختا ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى.

  يۈسۈف مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە ئافرىقا پۇشتىدىن بولغانلار، ئاسىيا پۇشتىدىن بولغانلار قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغانلارغا قارىتىلغان ئىرقچىلىق جىنايەتلىرى كۆپىيىپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بۆلۈۋەتتى، ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق نامىدا ئۆكتەملىك بىلەن ئەيىبلىمەستىن، بەلكى ئۆزىدىكى ئىرقچىلىق ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى ھەم تىرىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

  يۈسۈف ئالاھىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئادەتتىكى ئامما بەھرىمەن بولىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئوخشاش ئەھمىيەت بەردى ۋە ئۇنى قوغدىدى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ