مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھىندىستانچە دېموكراتىيەنىڭ «ھەشەمەتلىك تونى» ئاستىدىكى پىتلار

2021.09.02 21:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان ئۆزىنى «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت» دەپ ماختىنىپ، دائىم ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدۇ، لېكىن يېقىنقى مەزگىلدىكى پارلامېنتنىڭ يامغۇر پەسلى يىغىن مەزگىلىدىكى يىغىنلىرىدىن قارىغاندا، ھىندىستانچە دېموكراتىيە ئاللىقاچان تەرتىپ مۇۋاپىق بولماسلىق، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش، ئىقتىدار ئاجىزلىشىشتەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنى «توننىڭ ئاستى پۈتۈنلەي پىتلاپ كەتكەن، دېيىشكە بولىدۇ.

  ھىندىستان فىدراتسىيە پارلامېنتى يامغۇرلۇق پەسىل يىغىنى ئاچقان مەزگىلدە، ھىندىستان نۇسخىسىدىكى «ۋوتېرگېيت ۋەقەسى» دەپ ئاتالغان «دۇلدۇل» جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى، مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيەسى قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەر تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان مودى ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىپ ئوغرىلىقچە تىڭشاشنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا، پارلامېنتتا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھىندىستان خەلق پارتىيەسى رەت قىلدى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە سىرتىدىكى ئىككى گۇرۇھ بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەر كۈنى قاتتىق جېدەللەشتى، يىغىن قالايمىقانچىلىقتا ئىككى كۈن بۇرۇن ئاياغلاشتى.

  پارلامېنتتىكى بۇ قېتىمقى جېدەل ھىندىستاننىڭ ئاتالمىش «دېموكراتىيە»سىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىگە بولغان سوراق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» بىر ئوبزوردا «ھىندىستاننىڭ پارلامېنت دېموكراتىيەسى كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەدەپ كېتىشىگە يول قويۇلسا، پارلامېنت بىناسى ئىقتىدارى بۇزۇلغان سورۇنغا ئايلىنىپ قالىدۇ»، دېيىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ جەندىسىگە ۋارىسلىق قىلغان پارلامېنت دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ ھىندىستاننىڭ سۇ-تۇپرىقىغا كۆنەلمەسلىكى ئېلىپ كەلگىنى «ھەسەل» ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە تەرتىپسىز بولۇش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمسىز بولۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەغلۇپ بولۇش، تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش ۋە خەلق تۇرمۇشى خارابلىشىش قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر بولدى.

  سايلام «جەريانىدىكى دېموكراتىيە»نىڭ شاۋقۇنى ھىندىستانچە دېموكراتىيەنىڭ تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال قىياپىتىنى يېپىپ قالالمىدى. ئادەتتىكى سايلىغۇچىلارنىڭ مۇھىملىقى پەقەت سايلام جەريانىدا ئىپادىلەندى. سىياسەتۋازلار سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت توپلاش ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، پارا بېرىپ سايلىنىش ۋە كۆز بويامچىلىق قىلىشتەك سەتچىلىكلەرنى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا قىلدى، سايلام رىقابىتىدە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي قۇرۇق ۋەدە بەردى، سايلانغاندىن كېيىن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرمىدى. پارلامېنتتا ھەر يىلى ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىندى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئانچە ياخشىلانمىدى، يۇقۇم قاتارلىق خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان خىرىسلارغا دۇچ كەلگەندە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىنكاسى ئارقىدا قالدى، روشەنكى، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئازاب-ئوقۇبەت ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشى ئەمەس. ھىندىستان پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتنىڭ ئاتالمىش دېموكراتىيەسى پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ دېموكراتىيەسى بولۇپ، دېموكراتىيەمۇ پەقەت شوئار ۋە سەرەمجاندىن ئىبارەت.

  «چەكلىك ۋاقىت ئىچىدىكى» دېموكراتىيە ھوقۇقى، پارلامېنتتىكى قالايمىقانچىلىق، كۆپ سانلىقلارنىڭ ئۈن-تىنسىز بولىۋېلىشى، نوپۇسقا تايىنىپ تىرەك بولغان ئاتالمىش «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت»نىڭ دېموكراتىيە سۈپىتى قانداق؟ پاكىت ئاللىقاچان جاۋابىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ