خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ئاۋغۇست، ساياھەتچىلەر تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇل شەھىرىدىكى كۆك مەسچىت ئەتراپىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 23-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا تۈركىيە تەخمىنەن 10 مىليون 80 مىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 85.44 ئاشتى. تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىستامبۇل % 38 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ئوتتۇرا دېڭىز بويىغا جايلاشقان ئانتالىيا ئۆلكىسى تۈركىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلىنىپ، % 32 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ