ھايتىنىڭ غەربىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار 2207 گە يەتتى

2021.08.23 13:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھايتى خەلق مۇداپىئە تارماقلىرى 22-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنغىچە، 14-ئاۋغۇست ھايتىدىكى 7.2 بال يەر تەۋرەشتە 2207 ئادەم قازا قىلىپ، 12 مىڭ 268 ئادەم يارىلاندى، 344 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق.

  شۇ كۈنى ھايتى خەلق مۇداپىئە تارماقلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مەزكۇر دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا يەنە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىدى بايقالغاچقا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2207 گە يەتتى، دېدى. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 52 مىڭ يۈرۈش ئۆي ۋەيران بولغان، 77 مىڭ يۈرۈش ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان.

  نۆۋەتتە خەلقئارا ياردەم ماددى بۇيۇملىرى ھايتىغا ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. يول، كۆۋرۈكلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزى رايونلاردا يېمەكلىك، سۇ ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.2010-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ھايتىدا 7.3 بال يەر تەۋرەپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ