مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئافغانىستان زۇڭتۇڭى تالىباننىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوللايمەن، دېدى

2021.08.19 23:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى 18-ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىكەنلىكىنى، تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ، غەنىنىڭ 15-ئاۋغۇست ئافغانىستاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى. غەنى ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلغان سىنلىق سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ قانلىق توقۇنۇش ۋە تېخىمۇ زور ئاپەتتىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

  غەنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئافغانىستاندىن ئايرىلغان كۈنى مۇھاپىزەتچىلىرى ئۇنىڭغا قارىتىلغان بىر قېتىملىق سۇيىقەستنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلغاندا نۇرغۇن پۇل-مال ئېلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى شىكايەتنى ئىنكار قىلىپ، بۇنى «قىلچە ئاساسى يوق يالغان گەپ»، دېدى.

  غەنى تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كارزاي قاتارلىق ئافغانىستاننىڭ سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلقىنى، سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھازىر ئۆزىنىڭ ئاففانىستانغا قايتىپ، ئافغانىستان خەلقى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 18-ئاۋغۇست بىر قىسقا باياناتتا مۇنداق دېدى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «ئىنسانپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، زۇڭتۇڭ غەنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى قارشى ئالدى».

  ئافغانىستاندىكى تالىبانلار 15-ئاۋغۇست ئافغانىستان پايتەختى كابۇلغا كىرىپ ۋە ئۇنى كونترول قىلىپ، «ئۇرۇش ئاخىرلاشتى» دەپ جاكارلىدى. غەنى شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىن كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ ئەينى چاغدا ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن، قەيەرگە كەتكەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرمىگەن ئىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ