ھايتىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر 1941گە يەتتى

2021.08.19 12:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھايتى خەلق مۇداپىئە تارماقلىرى 17-چېسلا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنگىچە، ھايتىنىڭ غەربىي رايونىدا 14-ئاۋغۇستتىكى 7.2 بال يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندىمۇ 1941 ئادەم قازا قىلدى، 9900 ئادەم يارىلاندى.

  ھايتى خەلق مۇداپىئە تارماقلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قازا قىلغانلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان غەربىي جەنۇپ رايونىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 37 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان.

  ئىسسىق بەلباغ تۆۋەن ھاۋا بېسىمى «گرېس» 16-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ھايتىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ قاتتىق يامغۇر يېغىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى. مۇخبىر نەق مەيداندا يەنە نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكىنى تازىلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆردى.

  ئاپەت رايونىدىكى داۋالاش سىستېمىسى نورمىدىن ئارتۇق ئايلىنىش ھالىتىدە تۇرماقتا. مۇخبىر شۇ جايدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئادەم بىلەن لىق تولغانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ كارىدوردا يېتىپ داۋالانغانلىقىنى كۆردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ