مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئافغانىستان تالىبانلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە خەۋپسىزلىك قىسىمىنىڭ ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2021.08.18 13:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تالىباننىڭ باياناتچىسى زەبىئۇللا مۇجاھىد 17-ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ۋە خەۋپسىزلىك قىسىمىنىڭ ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مۇجاھىد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تالىبان ھازىر پايتەخت كابۇلنىڭ ۋەزىيىتىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ، قانۇن ۋە تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈردى. تالىبان ھۆكۈمەتتىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنى تېزدىن خىزمەت ئورنىغا قايتىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  مۇجاھىد يەنە مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مالـ مۈلكىبى خەتەر. تالىبان ئۆز تەشكىلات خادىملىرىنىڭ رۇخسەتسىز ھەرقانداق ئاھالىنىڭ ئۆيىگە كىرىشىنى چەكلىدى، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى ۋە شان-شەرىپىدە خلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك، دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.

  16- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، زور تۈركۈمدىكى ئاۋامنىڭ كابۇل خەلقئارا ئايرودرومىغا كىرىشى سەۋەبلىك ئايرودروم توختىتىلدى. ئايرودروم ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئايرودرومدا 16-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئايروپىلان قاتنايدۇ، بۇ ئايروپىلانلار سودا خاراكتېرلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان بولماستىن، ھەممىسى چەتئەل چياۋمىنلىرىنى چېكىندۈرىدىغان ئايروپىلانلار.

  16-ئاۋغۇست ئافغانىستان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە كابۇل شەھەرلىك مەمۇرىيەت تارماقلىرىدىكى خادىملار خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىدى. ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى ۋاھىدمە جرۇھ ۋە تالىبانلارنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرى شۇ كۈنى بىرلا ۋاقىتتا تېلېۋىزوردا ئۆزلىرىنىڭ ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېببىي خادىملارنىڭ تېزدىن ئىش ئورنىغا قايتىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ