مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆزبېكىستان چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن ئافغانىستاننىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

2021.08.17 19:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 16-ئاۋغۇست دەلىللىشىچە، ئافغانىستاننىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى 15-ئاۋغۇست چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەندە، ئۆزبېكىستان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ دۆلەتنىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان سۇرخان دەرياسى چېگراسى ئىشتاتى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن.

  ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، تەپسىلىي ئەھۋال تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى بار بىر ئايروپىلانى ئۆزبېكىستان چېگراسى ئىچىدە چۈشۈپ كەتكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ