مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىدا يوقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش تارىخىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى

2021.08.16 13:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا ياتقان بالىلار 14-ئاۋغۇست 1900 دىن ئېشىپ، يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. تىپى ئۆزگەرگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى بولغان «دېلتا»ۋىرۇسى مەزكۇر دۆلەتتە ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە يامراۋاتىدۇ.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا ياتقان كېسەللىك مىسالى 14 ـ ئاۋغۇست 1902 گە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ھازىر بار بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا ياتقان كېسەل ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %2.4 ىنى ئىگىلىگەن. 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش شەرتىگە ۋاقتىنچە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك دېلتا تۈپى تەرىپىدىن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ.

  ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش-ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا بۇ ھەپتە 18 ياشتىن 29 ياشقىچە، 30 ياشتىن 39 ياشقىچە ۋە 40 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىدا يېڭىتىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارلارنىڭ سانىدا ئوخشاشلا يېڭى رېكورت يارىتىلغان. جەنۇبىي قىسىمدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ