مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئافغانىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى

2021.08.16 12:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان مىللىي يارىشىش بويىچە ئالىي دەرىجىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا 15-ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېدى: ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى ئافغانىستاندىن ئايرىلدى.

  ئابدۇللا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بىر كۆرۈنمە چاستوتىنى ئېلان قىلدى. سىن كۆرۈنۈشىدە، ئۇ غەنىنى «ئافغانىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى» دەپ ئاتىدى. «بۈگۈنكى روسىيە» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، غەنى ئىستېپا بېرىشكە قوشۇلغان. بىراق بۇ خەۋەر ئافغانىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تەرەپنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشمىدى.

  تالىباننىڭ باياناتچىسى مۇجاھىد شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا، ئۆزلىرىنىڭ پايتەخت كابۇلدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن «ھوقۇقنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىش» ئۈستىدە كېڭىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئافغانىستاننىڭ مۇۋەققەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا ساتتار مىرزا كۋال شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ھوقۇقنى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ