مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاكىستاننىڭ داسۇدىكى تېررورلۇق ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، ئۇچۇر ناھايىتى كۆپ! دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

2021.08.13 13:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  سوئال: پاكىستان ھۆكۈمىتى 12- ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، داسۇدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، بۇ دېلونى ئافغانىستاندا پىلانلىغان، بۇنى «پاكىستان تالىبانلىرى»نىڭ سۋات تارمىقى كونكرېت يولغا قويغان، ھۇجۇم قىلغۇچى ئافغانىستاندا تەربىيەلەنگەن، ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئاپتوموبىلى ئافغانىستاندىن سېتىۋېلىنغان. بىر قىسىم گۇماندارلار پاكىستاندا قولغا ئېلىنغان، قالغانلىرى ھازىر ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتىدۇ، ھۇجۇم قىلغۇچىغا تەۋە تېررورلۇق تورى ھىندىستان، ئافغانىستان ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، دېدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: جۇڭگو پاكىستاننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، پاكىستاننىڭ پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. نۆۋەتتە، پاكىستان تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، بارلىق پاكىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۇشۇ ئاساستا ۋەقە سادىر قىلغان ھەقىقىي قاتىلنى سۈرۈشتۈرىدۇ ۋە قاتتىق جازالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپ ئامانلىق ساقلاش ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ دەرىجىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى تۈرى، خادىملىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ