مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئافغانىستاندىكى تالىبان فەرەھ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى فەرەھ شەھىرىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

2021.08.11 14:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ باياناتچىسى زەبىئۇللا مۇجاھىد 10-ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېدى: تالىبانلار غەربىي قىسىمدىكى فەرەھ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى فەرەھ شەھىرىنى ئىشغال قىلدى.

  ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

  فەرەھ ئۆلكىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى شەھلا ئەبۇبەكىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى فەرەھ شەھىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ، 10-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن شەھەر سىرتىدىكى بىر ھەربىي بازىغا چېكىندى.ئامېرىكا ئارمىيەسى 1-مايدىن باشلاپ ئافغانىستاندىن چېكىنىشكە باشلىغاندىن بۇيان، فەرەھ ئافغانىستان تالىبانلىرى ئىشغال قىلغانلىقىنى جاكارلىغان 7-ئۆلكە مەركىزى بولۇپ قالدى. قالغان ئالتە شەھەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا سامانگان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىئايبېك شەھىرى، تاھار ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تەلاقان شەھىرى، قۇندۇز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى قۇندۇز شەھىرى، سەرپۇل ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى سەرپۇل شەھىرى، جۇزجان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىبىرغان شەھىرى ۋە نىمرۇز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى زەرەنج شەھىرىدىن ئىبارەت.

  تالىباننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىدا ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرىنى يىغىپ يىغىن ئاچتى. ئافغانىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىغىندا جايلاردىكى خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تالىبانغا زەربە بېرىشىنى قوللاش قارار قىلىندى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بۇ يىل 4-ئايدا ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 1-مايدىن باشلاپ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، 11-سېنتەبىردىن بۇرۇن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بايدېن 8-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىيۋەزىپىسى 31-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى تېزلىتىشىگە ئەگىشىپ، تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ