مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى بويىچە ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت تەرەققىيات مۇنبىرى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

2021.08.10 21:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈچ كۈن داۋاملاشقان جۇڭگو-تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى بويىچە ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت تەرەققىيات مۇنبىرى 5-ئاۋغۇست تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە باشلاندى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان مۇنبەرگە تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى، جۇڭگو-تۈركىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى توردا ياكى تور سىرتىدا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىن باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسېرى بېيىپ، جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى.

  ليۇ شاۋبىن مۇنداق دېدى: ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى — جۇڭگو-تۈركىيە دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى گۈللەندۈرۈش ھەم ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى جۇڭگو-تۈركىيە دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، ئىككى تەرەپ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كران تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە يېتەكچىلىكىدىكى «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانى بىلەن جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ ئورتاق قۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەت تەڭ كۈچ چىقىرىپ بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  جۇڭگو-تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى بويىچە ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت تەرەققىيات مۇنبىرىنى تۈركىيە-جۇڭگو سودا تەرەققىياتى قوللاش جەمئىيىتى، تۈركىيەدىكى جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ