مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركىيە ئامېرىكىغا ياردەم قىلىپ ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەت قىلدى

2021.08.05 13:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئافغانىستانلىقلارنى تۈركىيە قاتارلىق ئۈچىنچى دۆلەتتە ئامېرىكا مۇساپىرلىرى سالاھىيىتىگە ئىلتىماس قىلغۇزۇشنى قارار قىلدى، بۇ قارار «مەسئۇلىيەتسىز» بولۇپ، «غايەت زور كۆچمەنلەر كىرىزىسى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۈركىيە بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 2-ئاۋغۇست بىر تۈرلۈك مۇساپىرلار سالاھىيەت ئىلتىماس تۈرىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ ئوبيېكتى نۆۋەتتە ۋە ئىلگىرى ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورگانلارغا ياللانغان ئافغانىستانلىقلار. لېكىن ئامېرىكا تەرەپ مۇنداق دېدى: ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم ئافغانىستاندىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىشى كېرەك، ئۈچىنچى دۆلەتكە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپ ئاندىن ۋىزا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ قوبۇل قىلىشقا 12 ئايدىن 14 ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئارىلىقتا ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم ئۈچىنچى دۆلەتتە ساقلىشى كېرەك.

  ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئافغانىستان ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بۇ خىل ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بىر قىسىم كىشىلەر پاكىستانغا كىرسە، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئىران ئارقىلىق تۈركىيەگە بېرىپ تۇرسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئالدىن مەسلىھەتلەشمەيلا چىقارغان مەسئۇلىيەتسىز قارارىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئامېرىكا ئەگەر بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلماقچى بولسا، ئايروپىلان بىلەن ئۇلارنى بىۋاسىتە ئامېرىكىغا توشۇسا بولىدۇ.

  تۈركىيە تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ قارارى رايوندا غايەت زور كۆچمەنلەر كىرىزىسى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئافغانىستاندىكى كىشىلەرنىڭ كۆچمەنلىككە ئىلتىماس قىلىش يولىدىكى ئازابىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، تۈركىيە ھەرگىز ئۈچىنچى دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن«يېڭى بىر تۈركۈم كۆچمەنلەر كىرىزىسىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ