مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان ۋېي فېڭخې بىلەن كۆرۈشتى

2021.07.28 22:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان 27-ئىيۇل دۈشەنبىدە دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بىلەن كۆرۈشتى.

  راخمان مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئەمەلىي، چوڭقۇر بولدى. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەردىن چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تاجىكىستان جۇڭگونىڭ ھەربىي بىخەتەرلىك ساھەسىدە تاجىكىستاننى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  ۋېي فېڭخې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ جانابلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، تاجىكىستان تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ھازىر ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ يامرىشىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىپ، تېررورچىلارغا بىرلىكتە زەربە بېرىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  4-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مىرزو ۋېي فېڭخېنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەم رەسمىي سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. 26-ئىيۇل، مىرزو ئۆزى ئايرودرومغا چىقىپ ۋېي فېڭخې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى كۈتۈۋالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ