مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدىكى بىرىنچى چوڭ خايكېرلار ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ئىسپاتلاندى!

2021.07.28 14:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەر قىلىنىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا دېترىكبورگ بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىنى تەكشۈرۈشنى دەۋەت قىلغان جۇڭگو تور ئەھلى بىرلەشمە مەھكىمىسىنىڭ ئىمزاسى 13 مىليوندىن ئاشقان، بىرلەشمە مۇلازىمېتىر يەنە بىر مەھەل ئامېرىكا IP ئادرېسىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇنىڭغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 26-ئىيۇل رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىدە، ئامېرىكا جۇڭگو تور ئەھلىگە قەرزدار. بىرىنچى، دېترىكبۇرگ بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىدا ساقلانغان تۈرلۈك گۇمانلىق نۇقتىلار توغرىسىدا، ئامېرىكا تەرەپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشى كېرەك.13 مىليون جۇڭگو تور ئەھلىنىڭ ھەققانىيەت ساداسى ئالدىدا، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن تېخىچە گاس ـ گاچا بولۇۋالىدۇ؟ ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن قايتا-قايتا يوشۇرۇپ، دېترىكبۇرگ بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى مەسىلىسىگە ئۇزاققىچە ئىنكاس قايتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ؟ ئامېرىكا تەرەپ ئاشكارا بولۇش دەپ ئېيتقانغۇ؟سىلەرنىڭ ئاشكاراچانلىق دەرىجىڭلار قەيەردە؟

  جاۋ لىجيەن يەنە مۇنداق دېدى: ئىككىنچى، بىرلەشمە مۇلازىمېتىرنىڭ ئامېرىكىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا، ئامېرىكا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشى كېرەك. بۇ قېتىم بىرلەشمە مۇلازىمېتىرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ تور بىخەتەرلىكىدىكى ساختىلىقى ۋە قوش ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق خايكېرلار ئىمپېرىيەسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ راستتىنلا تور بىخەتەرلىكىنى« قوغداش» ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى« قوللاش»ئويىدا بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تور بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىشى، ھەرگىزمۇ بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى قەستكارلار تورىنىڭ ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىغا يول قويماسلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەرگە مەينەت سۇ چاچماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ