مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسمىنى قوللىدى

2021.07.23 13:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 22-چېسلا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى يېقىندا ئافغانىستاندا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسمىنى قوللىدى.

  بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى جون كېبى شۇ كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە ئافغانىستاندا كۆپ قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمىنى قوللىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ھاۋا ھۇجۇمى ئورنى قاتارلىق كونكرېت تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى 21-چېسلا ۋە 22-چېسلا ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمىنىڭ تەلىپى بويىچە تۆت قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم تالىباننىڭ ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمىدىن تارتىۋالغان ھەربىي جابدۇقلىرىنى بىتچىت قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ باشقا نىشانلىرى تالىبانلارنىڭ ئىستىھكامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر ئورۇن ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار ئۆلكىسىدە ئىكەن.

  ئامېرىكا باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى مىلى 21-چېسلا مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تالىبان ھازىر ئافغانىستاندىكى 419 رايوننىڭ يېرىمىنى كونترول قىلىپ بولدى، ھېچقانداق ئۆلكە مەركىزى شەھىرىنى تېخى قولغا ئالمىدى، لېكىن تالىبان بۇنىڭ ئىچىدىكى 17 شەھەرنىڭ سىرتىدىكى رايونلارغا بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيەت تالىبان تەرەپتە. مىلى مۇنداق دېدى: ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىمى تولۇق ئۇرۇش قىلىش كۈچىگە ئىگە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە دۆلەت مۇداپىئە باشلىقىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارنى قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ