مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەملەش نىسبىتى ئارقىدا قالغان تۇرۇقلۇق، ئامېرىكا گېئورگىيە شىتاتى يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىلىرىدىن زور بىر تۈركۈم ۋاكسىنىنى كۆيدۇرۇۋەتتى

2021.07.21 13:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گېئورگىيە ئىشتاتىنىڭ سەھىيە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 12- ئايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش باشلانغاندىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىلىرىدىن بۇ ئىشتاتتىكى تېخى ئىشلىتىلمىگەن 110 مىڭدىن ئارتۇق ۋاكسىنا كۆيدۈرۈلدى.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 19- چېسلا گېئورگىيە ئىشتاتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نانسى نىدامنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىلىرىدىن جەمئىي 110 مىڭ 79 تال ۋاكسىنا تاشلىۋېتىلگەن، بۇنىڭ سەۋەبى ۋاكسىنا بوتۇلكىسىنىڭ بۇزۇلۇشى، شپىرىسنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە بۇلغىنىشىدىن ئىبارەت ئىكەن.

  گېئورگىيە ئىشتاتى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ۋاكسىنىلار بولسا، مودنېر، خۇيرۇي ۋە چياڭشېڭ ۋاكسىنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  مودنېر ۋە خۇيرۇي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى خەۋەرچى رىبونۇكلېئىك كىسلاتاسى (mRNA ) ۋاكسىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا، دورا سۇيۇقلۇقى تەييارلانغاندىن كېيىن، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋاقتى قىسقا بولىدىكەن. خۇيرۇي ۋاكسىنىسىنى مىسالغا ئالساق، دورا سۇيۇقلۇقىنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم ئالتە سائەت ئىچىدە دورا بېرىش كېرەك ئىكەن، ئەگەر ۋاقتى ئېشىپ كەتسە، تاشلىۋېتىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.

  نىدامنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، گېئورگىيە ئىشتاتىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ ئىسراپ بولۇش نىسبىتى %1.4 بولۇپ، ئامېرىكا كېسەل كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى مۆلچەرلىگەن%5تىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن.

  گېئورگىيە شىتاتىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش نىسبىتى ئامېرىكىنىڭ كۆپ ساندىكى ئوبلاستىدا خېلىلا ئارقىدا قالغان. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا %48.6 نوپۇسقا پۈتۈنلەي ۋاكسىنا ئەملەنگەن، %56.1 نوپۇسقا ئاز دېگەندە بىر خىل ۋاكسىنا ئەملەنگەن؛ گېئورگىيە ئىشتاتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 19- چېسلا چۈشتىن بۇرۇنغىچە، پۈتۈن ئىشتاتتىكى %39 ئاھالە پۈتۈنلەي ۋاكسىنا ئەملىگەن، %44 ى ئاز دېگەندە بىر خىل ۋاكسىنا ئەملىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ