مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈركمەنىستان ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىدە شياڭگاڭ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2021.07.15 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركمەنىستان ۋەكىلى ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 47-قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ شياڭگاڭ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  تۈركمەنىستان ۋەكىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جۇڭگو تاپشۇرغان «تەرەققىياتنىڭ بارلىق ئىنسانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا تۆھپە قوشۇش» قارارىنى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىشىنى قارشى ئالىمىز. تۈركمەنىستان ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. تۈركمەنىستان مۇنداق دەپ قارايدۇ: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى. تۈركمەنىستان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، شياڭگاڭ، شىنجاڭ مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، تۈركمەنىستان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى قوللايدۇ. ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىزمىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا، 90 نەچچە دۆلەت ئورتاق سۆز قىلىش، ئايرىم سۆز قىلىش، بىرلەشمە ئالاقە ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭغا، شياڭگاڭغا، شىزاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگوغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلىدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ