مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كانادادىكى يەنە بىر يەرلىك مەكتەپنىڭ كونا ئورنىدا نۇرغۇن نامسىز قەبرىلەر بايقالدى

2021.07.14 12:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كانادا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 12-ئىيۇل كەچتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادانىڭ برىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسىدىكى پېنېراكۇت ئارىلى (ئىلگىرىكى «كۇپېر ئارىلى»)دىكى بىر يەرلىك بالىلار ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ كونا ئورنى ئەتراپىدا 160تىن ئارتۇق نامسىز قەبرىلەر بايقالغان.

  بۇ، ئىككى ئاي ئىچىدە 4-قېتىم كانادادىكى يەرلىك بالىلار ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ كونا ئورنى ئەتراپىدا نۇرغۇن بەلگە قويۇلمىغان قەبرىلەرنىڭ بايقىلىشى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كانادانىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان بىرىنچى مىللەت بۇ قەبرىلەرنى بايقىغان. بۇ ياتاقلىق مەكتەپنىڭ ئەسلىي نامى «كۇپېر ئارىلى سانائەت مەكتىپى» بولۇپ، 1890-يىلى قۇرۇلغان، 1975-يىلى تاقالغان.

  بىرىنچى مىللەت — كانادا چېگراسى ئىچىدىكى شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئەسلىدىكى ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.

  5-ئاينىڭ 28-كۈنى، برىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر «كاملۇپۇس ئىندىئان ياتاقلىق مەكتىپى»نىڭ كونا ئورنىغا يېقىن جايدىن 215 جەسەتنى بايقىغان؛ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ساسكاتچېۋان ئۆلكىسىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر «مارىۋال ئىندىئان ياتاقلىق مەكتىپى»نىڭ كونا ئورنى ئەتراپىدا 751 ئورۇندىكى نامسىز قەبرىنى بايقىغان؛ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، برىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسىدىكى يەرلىك خەلق «ساينت ئېۋگېن چېركاۋى مەكتىپى»نىڭ كونا ئورنىغا يېقىن جايدىن بەلگىسى يوق 182 قەبرىنى بايقىغان.

  كانادا فېدېراتسىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئاھالىلەر بالىلار ياتاقلىق مەكتىپى تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي «ئاسسىمىلاتسىيە» قىلىشقا ئۇرۇندى. 2015-يىلى كانادا ھەقىقىي ئەھۋال ۋە يارىشىش كومىتېتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە، ئاز دېگەندىمۇ 150 مىڭ ئىندىئان، ئىنيۇتلار ۋە مېدىلار قاتارلىق يەرلىك ئاھالىلەر بالىلىرى ياتاقلىق مەكتەپكە مەجبۇرىي كىرگۈزۈلگەن. ياتاقلىق مەكتەپ يەرلىك ئاھالىلەر بالىلىلىرىنى رەھىمسىزلەرچە خورلىغان، ئاز دېگەندە 3200 بالا خورلىنىپ ئۆلگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ